- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى دېڭىز يىپەك يولى تارماق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى
2015.03.31 18:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنى مەزگىلىدىكى 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇش تارماق مۇنبىرى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق يىلىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تاناسا قاتارلىقلار قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ياڭ جيېچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان دېڭىز-ئوكيان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. بۇ يىل-جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق يىلى، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئەتراپلىق دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىقىنى 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنىى ئۈمىد قىلىمىز.
تاناسا مۇنداق دېدى: تايلاند بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن دېڭىز ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيانىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر