باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ گەنسۇدا نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.03.31 18:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا گەنسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش-بىزنىڭ بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىمىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى شۇنداقلا ئەڭ جاپالىق ۋەزىپە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، مەجبۇرىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامرات جايلار ۋە نامرات ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدا ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا نامراتلارنى دەل يۆلەشتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈل ھاسىل قىلىندى، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتى ئورۇنلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىندى. جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىدىيە ۋە تەدبىرىنى پائال يېڭىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر