باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

155 مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىر بېيجىڭدا مەجبۇرىي كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى

2015.03.31 18:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئورۇنلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىن بولۇپ 155 ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر 29-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونى دوڭجياۋ ئورمان باغچىسىغا بېرىپ، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  بۇ يىل جۇمھۇرىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار كۆكەرتىش كومىتېتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى كۆكەرتىش كومىتېتى، پايتەخت كۆكەرتىش كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «يېشىللىق ئارزۇسىنى پورەكلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش» باش تېما قىلىندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت-پايتەختنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا يەنە بىر پارچە يېشىللىق بەخش ئەتتى.

  جۇمھۇرىيەت مىنىستىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتى 2002-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ يىل 14-قېتىمغا قەدەم قويدى، جەمىي 2457 ئادەم قېتىم مىنىستىرلىق دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر مەجبۇرىي كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىپ، 30 مىڭ بىر يۈز تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر