باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ شياۋچۈەن جۇڭگو يەنىلا مۇنتىزم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ دېدى

2015.03.31 18:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن 29-مارت بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى بۇ يىللىق يىغىنىنىڭ بىر تارماق مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو قوللىنىۋاتقان پۇل سىياسىتى يەنىلا مۇنتىزم پۇل سىياسىتى، سىياسەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنى قۇرۇلمىلىق تەڭشەشكە مەدەت بېرىلىپ، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئالاقە تورىغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  جۇ شياۋچۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو 2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مۇنتىزمسىز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى، ئۇ چاغدا خەلق پۇلىنىڭ دائىملىق ھېساباتى ئېشىپ قېلىپ، نۇرغۇن تاشقى پېرېوۋت زاپىسى جۇغلىنىپ قالاتتى. شۇڭا مۇنتىزمسىز پۇل سىياسىتى ئارقىلىق، بازار ئوبوروتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. 2008-يىلىدىن 2010-يىلىنىڭ بېشىغىچە يولغا قويۇلغان مۇنتىزمسىز پۇل سىياسىتى-نورمال سۈرئەتتىن تېزلىتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بولغان ئىدى.

  جۇ شياۋچۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق بانكىسى يەر شارىنىڭ ئىقتىساد يۈزلىنىشىگە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن دىققەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئەگىشىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ پۇل سىياسىتىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنى قۇرۇلمىلىق تەڭشەشنى قوللاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر