باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.03.10 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، 16 نەپەر ئەزا ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسى تېمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، لو فۇخې، جۇ شياۋچۈەن، ما بىياۋ، ما پېيخۇالار يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى، خەن چىدې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئەزا فەن شياۋجيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خزىمىتىدە يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك، مەن تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، گىنى كوئېففېتسېنتىنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم نىشان قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ 13-بەشيىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان بىرتۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قوللاش كۈچىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئەزا چيەن يىڭيى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بازار ۋە كارخانىغا ئىچكى جەھەتتىن تەڭشەش ۋە تەرەققىي قىلش بوشلۇقى قالدۇرۇلسا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت بىلەن تەمىنلەش رولى جارى قىلدۇرۇلسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى يېڭىدىن ئورنىتىلسا، يېڭىچە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىلسا، ھۆۈكمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولۇشتىن ئارىلىق ساقلاشقا ئۆزگەرتىلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساددىكى رولى قاتنىشىش تىپىدىن مۇلازىمەت تىپىغا ئۆزگەرتىلسا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىقتىساد رامكىسىدا ھۆكۈمەت ئىلھام بېرىشكە يېڭىباشتىن تەبىر بېرىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشى ئازايتىلسا، كارخانىلار ئازاد قىلىنسا.

  ئەزا جاڭ خوڭمىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆي بازىرىنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى غايەت زور رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىدىن ساقلىنىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىرىنچى ئۆي بازىرىنىڭ يەنە قىززىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئىككىنچى ئۆي بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېز سۈرئەتتە كاسادلىشىشى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ بىراقلا چۈشۈپ كېتىشدىن ساقلىنىش.

  ئەزا لى خېجۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىشتە دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، سۇ ئېلېكتىرىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم يەر شارىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئەۋزال كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، كۆچمە ئېنېرگيە بايلىق تېخنىكىسى پىشىشپ يېتىلدى، ھازىر نېپىز پەردىلىك توك يولى ئارقىلىق توك تارقىتىشقا ئۆزگىرىش نىسىبتى %30 دىن ئېشىپ كەتتى، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا 100 ئورۇننىڭ 30نىڭ قوياش ئېنېرگيەسىنى كۆيدۈرمەيلا بىۋاستە ئېلېكتىر كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بولدى، پەقەت 1دىن 2چە ئورۇنلا ئەنئەنىۋى قاتما ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن بۇلغۇما قويۇپ بېرىۋاتىدۇ، ھېسابلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا كۆچمە ئېنېرگىيە، نېپىز پەردىلىك توك تارقىتىشنىڭ بازاردىكى كۆلىمى 8 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ 3دىن بەش ھەسسىسگە توغرا كېلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدىكەن.

  ئەزا لى چېڭيۇ مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش نوپۇس بايلىق مۇھىت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېڭىز بويى رايونلىرى، دېڭىز ساھىلىنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى روشەن بولدى، مەن قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ھەقىقى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر