باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك زاتلار نەزىرىدىكى «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»

2015.03.10 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش مۆلچىرى يەتتە پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چەتئەللىك زاتلار بۇ «يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە» قانداق قارايدۇ؟ ئامېرىكا بۈيۈك ۋاشىنگتون جۇڭگو مەبلەغ سېلىش مەركىزىنىڭ لىدىرى بلەيكنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈچىنچى، تۆتىنچى پەسىلدە سېتىش، پايدا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولدى، بۇ ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى ئىككى خانلىق سان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى باشتىن ئاخىر ئازايمىدى. كورېيە ئېنچون قابىللار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»نى ئاشكارا شەرھلىدى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئاساسىنى ئورناتتى، بۇ كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. قازاقىستان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ۋەلىخان تۆلەشىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ھازىرقى يەتتە پىرسەنتلىك ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەم. شۈبھىسىزكى، جۇڭگو كەلگۈسى بىر مەزگىلدە ئاسىيا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ پاراۋوزى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر