باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنى

2015.03.13 13:39         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىدىن ۋاڭ جىيۈەن

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقاتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىدىن مۇختەر ئابدۇرۇسۇل

  ھازىر كەڭ دىققەت قوزغىغان ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بىلەن ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى›› ئېلىمىزنىڭ لىنىيە ياقىلىرىدىكى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، خەلقئار جەمئىيەتنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

  ئېلىمىز 30 نەچچە يىل يولغا قويغان سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبدىكى دېڭىز ياقىسى ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز سودىسى يولىغا تايىنىپ، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنىدى. بىراق ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدە ‹‹توشۇش ئۇسۇلى يەككە بولۇش›› مەسىلىسى ساقلاندى. ئېلىمىز دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ‹‹مالاككا بوغۇزى››دىن ئىبارەت مۇقەررەر يولى باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك قىيىن ۋەزىيەت بولۇپ كەلدى. ھازىر ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشى ئېلىمىزنى قوش قاناتقا ئىگە قىلىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى، ئۆزئارا يۆلەك بولىدىغان ۋە بىر – بىرگە ماسلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيە تايانچىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى شۇكى، ئېلىمىز راۋان، قولاي بولغان قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى ياردەمچى قىلسىلا، دېڭىز يولى سودىسىدىكى ‹‹مالاككا قىيىن ۋەزىيىتى›› مۇقەررەر ھەل بولىدۇ. شۇڭا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بىلەن ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى›› دائىرە ۋە لىنىيە جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، بىر – بىرىنى يۆلەپ، ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى مۇقەرەرلىككە ئىگە.

  نىسبەتەن روشەن بولغان ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى›› سودا كارىدورى بويىچە، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› دائىرىسىنى شىمالدىن جەنۇبقا كېڭەيتكەندە، ئۇلارنىڭ گىرەلىشىش نۇقتىسى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنى شەكىللىنىدۇ.

  بىرىنچى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ ياۋروپا يۆنىلىشى. بۇ يۆنىلىشتە ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە بار: بىرى ئېلىمىزنىڭ ئالاتاۋ پورتىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى بويلاپ، شىمالىي لىنىيەدە قازاقىستان، رۇسىيەدىن ئۆتۈپ، موسكۋادا بىرىنچى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بىلەن كېسىشىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت (لىتىۋا، ئېستونىيە، لاتۋىيە) بىلەن بېلارۇسىيە، پولشا، گېرمانىيەگە تۇتىشىدۇ؛ يەنە بىر لىنىيەمۇ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى بويلاپ، قازاقىستاندا غەربكە يۈزلىنىپ، ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرى فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى لېخاۋرې پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ ياۋروپا يۆنىلىشىنىڭ سودا كۆلىمى زور، ئورنىمۇ ئاچقۇچلۇق ھەم مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدىكى دېڭىز سودىسى كۆلىمى ۋە ئەۋزەللىكى ساقلانغان، شۇنداقلا تىنچ ئوكياندىن بالتىق دېڭىزىغىچە بولغان قۇرۇقلۇق يولىمۇ تۇتاشتۇرۇلغان.

  ئىككىنچى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ غەربىي ئاسىيا يۆنىلىشى. بۇ لىنىيەمۇ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىن باشلىنىپ، جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستاندىن ئۆتۈپ، ئىراندا ئىككى لىنىيەگە بۆلۈنىدۇ، شىمالىي لىنىيە تۈركىيەدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي لىنىيە پارس قولتۇقىدىن ئۆتۈپ مىسىرنىڭ سۇۋەيىش قانىلىغا تۇتىشىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ غەربىي ئاسىيا يۆنىلىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا سودا كۆلىمى زور بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپا يۆنىلىشىدىكى دېڭىز سودىسى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا گىرەلىشىپ، غەربىي ئاسىيا يۆنىلىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لىنىيە يەر شارىدىكى بىر قانچە مۇھىم ئېنېرگىيە دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئېلىمىزدەك ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ جەنۇبىي ئاسىيا يۆنىلىشى. بۇ يۆنىلىشتە ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە بار: بىرى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىن باشلىنىپ، ‹‹ھىندىستان – پاكىستان قاتناش كارىدورى››نى بويلاپ، ھىندىستان، پاكىستاندىن ئۆتۈپ، ئەرەب دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ؛ يەنە بىرى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن باشلىنىپ، بىرما، باڭلادىشتىن ئۆتۈپ باڭلادىش قولتۇقىغا يېتىپ بارىدۇ.

  دېمەك، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئېلىمىز دېڭىز سودا لىنىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېرىشىدۇ، بۇ ‹‹مالاككا قىيىن ۋەزىيىتى››نى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.

  شىنجاڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ غەربكە يۈزلەنگەن مۇھىم روجىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆۋرۈكلۈك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كۆلىمى زور، مېخانىزمى جانلىق، ئۈنۈملۈك باجدىن خالىي رايون، ئەركىن سودا رايونى، چېگرادىكى تەجرىبە رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىچكى تايانچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى يېتەكچى قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇش شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر