باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇۋېيچۈن: دالاي لاما يامان يولدىن يېنىپ، توغرا يولغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2015.03.12 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى 11- مارت سائەت 9 دا مىدىيا مەركىزى كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ ۋېيچۈن، خۇاڭ جيېفۇ ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خۇ شياۋيى، لى يەنخۇڭ، يۈ مىنخۇڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  [جۇ ۋېيچۈن]

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دالاي لامانىڭ خەلقئارادا زىيارىتى ئازايدى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپ بولمىدى، جۈملىدىن بەزى چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ كۆرۈشۈشى بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىدى. بەزى ياخشى ياماننى ئايرىيالمىغانلار داۋالاي لاما بلەن كۆرۈشتى، بىللە غىزالاندى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئىناۋىتىنى تۆكۈۋالدى، بولۇپمۇ جۇڭگو پۇقرالارنىڭ نەزەرىدە بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھىچقانداق ئابرويى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە دالاي لاما ئانچە دىققەت قوزغىيالماس بولۇپ قالدى، بىز دالاي لامانىڭ خەلقئارادا سەييارە زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، چۈنكى ئويۇن ئۇ ئوينىسا، بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىمىز تەسىرگە ئۇچرىدى. مېنىڭچە، تېخىمۇ مۇھىمى نېمە؟ شىزاڭد بۇ يىللاردىن بۇيان باشتىن ئاخىر مۇقىم بولدى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ ياخشىلاندى، دىنلار مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى دالاي لاما بىر مەھەل تەسىرىدىن پايدىلىنىپ زاڭزۇلار رايونىدا بەزى كىشىلەرنى ئالداپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا كۈشكۈرتتى، ھازىر بۇنىمۇ قىلالماس بولۇپ قالدى. دېمەك، خەلقئارادا بەزىلەر جۇڭگودا پاراكەندىچىلىك، شىزاڭدا توپىلاڭ بولۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ھازىر شىزاڭدا مالىمانچىلىق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزى ئوتتۇرۇپ قويىدۇ.

  مېنىڭچە شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىدا مەملىكەت خەلقىنىڭ شىزاڭغا مەدەت بېرىشى، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، بۇ دالاي لامانىڭ خەلقئارادا ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقى، ماغدۇرىدىن قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لاي لاما يامان يولدىن يېنىپ توغرا يولغا مېڭىپ، دۆلەتنى پارچىلاش پوزىتسىيەسىدىن، كىشىلەرنى ئالدايدىغان ئاتالمىش «ئوتتۇرا يول»دىن، شىزاڭ ۋە باشقا رايونلاردا ئۆزىنى كۆيدۈرۈش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەستايىدىل ئۇچرىشىپ، بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك، مەركەز ئۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش بۈيۈك زاڭزۇ رايونى مەسىلىسى، ئاتالمىش يۈكسەك ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلمايدۇ........

مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر