باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇنيە جىڭدۇ ئۇنۋېرسىتىتىدىن ئېشىپ كەتتى

2015.03.12 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11 -مارت، «تايۋۇس گېزىتى ئالىي مائارىپ قۇشۇمچە نۇسخىسى» 2015-يىللىق دۇنيا ئالىي مەكتەپلىرى ئىلىم- پەن شۆھرەت رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئايرىم ھالدا 10 ۋە 9 دەرىجە ئۆرلىگەن.

  بۇ رەت تەرتىپ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 مەكتەپنى رەتكە تىزىپ چىققان. بۇ يىل، خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى بىرىنچىلىكنى ئېگەللىگەن، كامبىرىچ ئۇنۋېرسىتىتى ئىككىنچى بولغان، 3-دىن 5- گىچە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىتى، ماسسا چۇستىس سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتوتى ۋە سىتانفۇرد ئۇنۋېرسىتىتى.جۇڭگو ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە چوڭ ئىلگىرلەش بار. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى 36 -ئورۇندىن 26 -ئورۇنغا ئۆرلەپ، تۇنجى قېتىم ياپۇنيە جىڭدۇ ئۇنۋېرسىتىتىدىن ئېشىپ كەتكەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى 41-ئورۇندىن 32- ئورۇنغا ئۆرلىگەن. شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكەن، ئۆتكەن يىلدىكى رەت تەرتىپى 43 -ئورۇندا تۇرغان». تايۋۇس گېزىتى ئالىي مائارىپ قۇشۇمچە نۇسخىسى«نىڭ رەت تەرتىپ مۇھەرىرى فېل بادى : جۇڭگودىكى ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئىلگىرىلىشى بۇ دۆلەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى تۈركۈم ئۇنۋېرسىتىتىلارنى تەرەققى قىلدۇرۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ, دېدى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتىتلىرى رەت تەرتىپىتە يەنىلا كۆپ ساننى ئېگەللىگەن، ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىدە 26 ئورۇننى ئېگەللىگەن، كەينىدىكىسى بولسا ئەنگىلىيە. ئاسىيا ئۇنۋېرسىتىتلىرى ئىچىدىكى رەت تەرتىپى ئەڭ يۇقىرى توكيو ئۇنۋېرسىتىتى بولۇپ -12 ئورۇندا تۇرغان، ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر سان چۈشۈپ كەتكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر