باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

2015.03.13 13:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ، 12 – مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – مارت 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا، سەككىز ۋەكىل دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنى يۇغۇرما تەرەققىياتقا سەپەرۋەر قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش مەشىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ قىزغىن سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئارمىيە سىياسىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ھەربىي مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاجايىپ ياخشى تاماملاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى ھەم نۇقتىلىق ھالدا ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئۇزاق مەزگىل ئىزدەنگەنلىكىمىزنىڭ زور نەتىجىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان زور تەدبىر. ئۇزاقتىن بۇيان، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنىڭ تەڭ قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئەمدىلا دەسلەپكى قەدەمدە يۇغۇرۇلۇشتىن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشقا قاراپ مېڭىشتەك ئۆتكۈنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى، يەنە ئىدىيە، قاراش جەھەتتە يېتىشىپ ماڭالماسلىق، يۇقىرى قاتلامدىن بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى كەمچىل بولۇش، سىياسەت، قانۇن – نىزاملار ۋە ئايلىنىش مېخانىزمى ئارقىدا قېلىش، خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىش سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلىلەرنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەسەۋۋۇر، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككىسىنى ماس، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئومۇمەن تولۇق ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇغۇرۇلۇش شەكلىنى بېيىتىپ، يۇغۇرۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇغۇرۇلۇش قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، تەدبىر، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە توسالغۇلىرى، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، دۆلەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان، بازار ئايلىنىشى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئايلىنىش سىستېمىسى، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئۇلىنىشى يۈرۈشلەشكەن، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەت – تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، قوللىنىشقا بولىدىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پىلاننىڭ قاتتىق چەكلەش ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئارمىيەمىزنىڭ ئالاھىدە سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئارمىيە ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا بەخت يارىتىپ، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى غەم – قايغۇدىن خالاس قىلىشى كېرەك. پارتىيە، ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخې يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن ئاياغلاشقاندا، شى جىنپىڭ ئالايىتەن ئاساسىي قاتلام ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئارمىيەدىكى قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خىزمەتلەردە تۆھپە كۆرسىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر