باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دېگەن گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق

2015.03.13 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 12-مارت تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 12-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنقا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دېگەن گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

  سوئال: ب د ت دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى بىېلېفېلدت يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا بولغان ئەنسىزلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆزىنىڭ جۇڭگونى زىيارەتنى قىلىش تەلىپىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنقا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاتالمىش ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دېگەن گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

  جۇڭگونى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالاھىدە مېخانىزمىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى دەپ چۈشەندىم. جۇڭگو تەرەپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئېتىبار بېرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە مېخانىزمى 53تىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئالاھىدە مېخانىزىملارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل باراۋەر ئويلىشىپ، پىلانلىق، تەرتىپ بويىچە تەكلىپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئاشلىق ھوقۇقى ئالاھىدە دوكلاتچىسى، ئاياللارنى خورلاشنى تۈگىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدە مېخانىزملارنى قوبۇل قىلدى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقى مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى ۋە تاشقى قەرز مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى ۋاقتى بولسا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، يۇقارقى ئالاھىدە مېخانىزملار بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىش ئىشىدا كېلىشىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر