باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

2015.03.13 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا، سەككىز ۋەكىل دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنى يۇغۇرما تەرەققىياتقا سەپەرۋەر قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت بىئو بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش مەشىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ قىزغىن سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئارمىيە سىياسىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ھەربىي مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاجايىپ ياخشى تاماملاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر