باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى ئالاقىدار سۆز-ئىبارىلەرگە ئىزاھات

2015.03.13 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-مارت تېلېگراممىسى. ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى ئالاقىدار سۆز-ئىبارىلەرگە ئىزاھات

  1. «بىر بەلباغ، بىر يول»: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى سېنتەبىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ئۆكتەبىردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر پائال ئىنكاس قايتۇردى.

  2. «ئالاقە تورى +» ھەرىكەت پىلانى: «ئالاقە تورى +» يېڭى بىر ئىقتىسادىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئالاقە تورىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى تەقسىماتىدىكى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش قورالى قىلغان تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  3. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق(PPP _ Public − Private − Partnership نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى) ئەندىزىسى: ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى، باھانى مۇۋاپىق بېكىتىش، مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئالدىن ئاشكارىلايدىغان تاپاۋەت كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى شەھەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە شۇغۇللىنىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمىنلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  4. بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود تۈزۈمى: پۇقرالار كىملىك نومۇرى ۋە تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى ئاساس قىلغان سۇبيېكتنى پەرقلەندۈرۈش كود تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، پۇقرالارنىڭ بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى: دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز ۋەقەگە ئۇچرىغان، تاسادىپىي يارىلانغان، ئېغىر كېسەل بولغان ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلى تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان، باشقا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىگە ۋاقتىنچە ماس كەلمەيدىغان ياكى پاناھلاندۇرغاندىن كېيىنمۇ ئاساسىي تۇرمۇشىدا يەنىلا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ياكى شەخسلەرنى جىددىي، ئۆتكۈنچى پاناھلاندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر