باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قاراتقان يېڭى دىپلوماتىيىسىنى كۈچەيتتى

2015.03.09 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جايشانكار 4-مارت بۇتان، بېنگال، پاكىستان، ئافغانىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. بۇ تۆت دۆلەت بىلەن ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى. جايشانكار بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مودى يولغا قويۇۋاتقان قوشنا دۆلەتلەر يېڭى دىپلوماتىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ھىندىستان ئىلگىرى بۇنىڭغا سەل قارىغان ئىدى، جايشانكارنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئىجابىي تەرەپكە بۇرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مودى يېڭى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى، تاشقى جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئەتراپ دىپلوماتىيىسىنى پائال قانات يايدۇردى. مودى ھەتتا قوشنا دۆلەتلەر يېڭى دىپلوماتىيىسىنى ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى. ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پوزىتسىيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي ئىقتىساد كېڭىشى قۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىۋاراجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:جەنۇبىي ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيىتىدىكى تۇنجى قەدەم، بۇ رايوندىكى ئەزا دۆلەتلەر 2020-يىلى جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بېكىتكەن تەرەققىيات نىشانىنى بەرپا قىلىشى لازىم.

  ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىدەك بىر نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە ھۇجۇمىنى باشلىدى. ئۇ پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ئارقىدىن يەنە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇتاندا زىيارەتتە بولدى. بەلكىم بۇ بۇتان بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى گەۋدىلەندۈرۈشى مۇمكىن.

  جايشانكار ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغاندا زوڭتۇڭ غېنى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندا قانات يايدۇرۇۋاتقان ھەمكارلىق تۈرلىرى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. جايشانكار بېنگالدا مودى ھۆكۈمىتىنىڭ بېنگالغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇقتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ ،ھەمدە قۇرۇقلۇق چېگرىسى كېلىشىمى ئېنىق بېكىتىلىدۇ.

  پاكىستان جايشانكارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى تاشقى ساھە ئەڭ دىققەت قىلغان دۆلەت بولۇپ، مۇزنى يېرىش سەپىرى دەپ تەرىپلەندى. مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدە قىسقا شىرىن ئاي مەزگىلى كۆرۈلدى، بىراق بىرقانچە ئايدىن كېيىن سۇسلاشتى. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كاتماندو باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت زوڭتۇڭلىرى ھەتتا سۆھبەت ئۆتكۈزمىدى. بىراق مودى يولغا قويغان قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيىسى پاكىستاننىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بولۇپمۇ پاكىستان 2015-يىلى جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەئىس دۆلىتىگە ئايلاندى ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىنىشى ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.

  ھىندىستان پاكىستان بىلەن بولغان ياخشى ئالاقىنى ساقلاش ئۈچۈن، مودى بۇ يىل 2-ئايدا كالتەك توپ دىپلوماتىيىسىدىن پايدىلىنىپ پاكىستانغا يەنە بىر قېتىم ياخشىچاق بولدى. جايشانكار پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆزلىشىشى ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىردىن بىر يول ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىختىلاپنى ئازايتىش ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر