باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.10 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 6-مارت شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ تەرەققىيات، ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلەش، ئىتتىپاقلىقنى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن باش مەمۇرىي ئومۇميۈزلۈك سايلىمىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ ئىزچىل مەيدانى شۇنداقلا شياڭگاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى. شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، 2017-يىلى باش مەمۇر ئومۇمىي سايلىمى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر