باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.07 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 6-مارت فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر مەجبۇرىيەت، كۈلپەت تۇيغۇسى، كۈچلۈك ئىرادە ۋە پەزىلەت بىلەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يىل مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبىرى يادرولۇق رولىنى ئاجىزلاشتۇرغان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلار، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەتمىگەنلەر، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان ۋە تاپشۇرغان مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتمىگەن، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر