باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2015-يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى (ئۈزۈندە)

2015.03.06 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى

  مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى جەملىگەندە، مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 15 تىرىليون 430 مىليارد يۈەن بولۇپ، ٪7.3 ئاشىدۇ. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنىڭ 100 مىليارد يۈەن مۇقىملاشتۇرۇپ تەڭشەش فوندىنى قوشقاندا، ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان كىرىم 15 تىرىليون 530 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 17 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، ٪10.6 ئاشىدۇ. قىزىل رەقەم 1 تىرىليون 620 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2014-يىلدىكىدىن 270 مىليارد يۈەن ئاشىدۇ.

  مەركەزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 8 تىرىليون 143 مىليارد يۈەن بولۇپ، ٪9.5 ئاشىدۇ(زاپاس خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندە ٪8.8 ئاشىدۇ)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلگىرى يىللىق ھېساباتتىن 112 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ يۆتكەيدۇ. مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمى، يەرلىكنىڭ باج قايتۇرۇشى ۋە يۆتكىمە چىقىمغا ئىشلىتىلىدۇ.

  2. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى

  مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى جەملىگەندە، مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى 4 تىرىليون 887 مىليارد 338 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪3.5 تۆۋەنلەيدۇ، ئۆتكەن يىللىق ھېساباتتىن يۆتكەلگەن كىرىم 72 مىليارد 72 مىليون يۈەن، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى 100 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى 5 تىرىليون 59 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند چىقىمى 5 تىرىليون 59 مىليارد 410 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ٪4.1 ئاشىدۇ.

  3. دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى

  مەركەزنىڭ 2015-يىللىق دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت كىرىمى 155 مىليارد يۈەن بولۇپ، ٪9.9 ئاشىدۇ. ئۆتكەن يىللىق ھېساباتتىن يۆتكەلگەن كىرىم 14 مىليارد 398 مىليون يۈەننى قوشقاندا، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت كىرىمى 169 مىليارد 398 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوت چىقىمى 169 تىرىليون 398 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪19.4 ئاشىدۇ.

  4. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتى

  مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت كىرىمى 4 تىرىليون 308 مىليارد 807 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪10 ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 3 تىرىليون 163 مىليارد 339 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىما كىرىمى 974 مىليارد 175 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت چىقىمى 3 تىرىليون 846 مىليارد 397 مىليون يۈەن بولۇپ، ٪4.2 ئاشىدۇ. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 462 مىليارد 410 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى جۇغلانما قالدۇقى 5 تىرىليون 503 مىليارد 286 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر