- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەزالار شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تەسۋىرلىدى: قىسمەن زوراۋان، تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك
2015.03.06 17:02 مەنبە: خەلق تورى
ئۆتكەن بىر يىلدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش جەمئىيەت ئېتىبار بېرىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىل ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سەمەت مەمەت مۇنداق دېدى: قىسمەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ۋە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
بۇ ئۇيغۇر قوماندان ئۆتكەن بىر يىللىق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىرلىكتە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، مۇقىملىقنى خالايدۇ، قىسمەن زوراۋان، تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك. زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
بۇ يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13-يىغىنىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، بۇ بۇلتۇر 10-ئاي دەسلەپتە قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن 2-قېتىم دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 2-قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان دەسلەپكى لايىھەدە مۇنداق دېيىلگەن: زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى − زوراۋانلىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەيۋە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ساراسىمىگە چۈشۈرىدىغان، جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سالىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
سەمەت مەمەت زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى مىللەت، رايون ۋە دىن بىلەن باراۋەر كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: قىسمەن زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار مىللەت، دىن تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى، مۇسۇلمان قېرىنداشلارمۇ بۇنداق ئەسەبىي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە خىلاپ جىنايى قىلمىش دەپ قارايدۇ. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش مەشىقى قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پولات قورغانلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
مەنبە خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر