باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.07 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، جاڭ دېجياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن: مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيمەن دېدى . جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسيالىسزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ، 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مەيدانغا كەلتۈرۈپ، پاتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرۈگۈزۈش يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ماركىزىزم بىلەن جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۆرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن نىشان كۆرسىتىپ بەردى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشتۇرۇلغان يۇقۇرى لايىھە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش بىرتۇتاش رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىدىغان ئىستراتېگيەلىك نىشان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە تۈپ مەدەت بەردى، شۇڭا پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ 4 ئومۇميۈزلۈكنىڭ روھىدا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ روھىي ماھايىتى، دىئالىكتىك مۇناسىۋىتى ۋە مول مەزمۇنىنى توغرا ئىگەللەپ، 4 ئومۇميۈزلۈكنىڭ بىربىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلىشىمىز ۋە ئىلگرى سۈرۈشىمىز لازىم، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغاپ ۋە ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېرىش، ئاساسى قانۇننىڭ نوپۇزىنى، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانيلىقىنى قوغداش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسى قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر