باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2015.03.07 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئەزالار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، خىمىيەۋى ئايروبىك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارى %2 ئەتراپىدا، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى %3 ئەتراپىدا، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى %5 ئەتراپىدا ئازايتىلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىلىن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت، بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جىن خۇا كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلسە. بىر تەرەپتىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سۇ ئېلېكتىرى، يادرو ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەر كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتتىق تۈزەلسە دەپ تەكلىپ بەردى.

  ئەزا ۋۇ خوڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، يايلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، پۇقرالارنىڭ ياشاش مۇھىتى ياخشىلاندى، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمىنى ئۆسۈپ، كىرىمى كۆپەيدى. بۇ قۇرۇلۇش يېزا ئىگىلىكنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىچكى تەلەپكە تۈرتكە بولۇش، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. پۇقرالارغا نىسبەتەن، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش-ئەلرايى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ساخاۋەت قۇرۇلۇشى بولدى.

  خۇنەن ئۆلكىسى خۇەيخۇا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پېڭ گوفۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى توغرا يۆلەش، توغرا بېيىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىل پېڭ گوفۇ مۇنداق دەپ قارىدى: 2020-يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش نىشانىغا يەنە بەش يىل بار، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشى ئەمەلىيلەشمىسە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قۇرۇپ گەپ بولۇپ قالىدۇ. دوكلاتتا، قىيىنچىلىق قانچە چوڭ بولسىمۇ، بۇ يىل يېزا نامرات نوپۇسىدىن يەنە ئون مىليوندىن كۆپرەكنى ئازايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ-ھۆكۈمەتنىڭ زور ئىرادە، يېتەرلىك جاسارەتكە كېلىپ، نامراتلىققا دادىل جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشىن شەھىرىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ياڭ جوڭلىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىرادىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ياڭ جوڭلىن مۇنداق دېدى: كاپالەتلىك ئۆيگە جىق مەبلەغ كېتىدۇ، يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سېلىنمىسىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن مەخسۇس قەرز ئېلىش، يەرلىك مالىيە، ئۆي جامائەت فوندى قوشۇلما قىممەت ساپ پايدىسى، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ساپ پايدىسىدىن بەلگىلىك نىسبەتتە ئاجرىتىش ئارقىلىقمۇ، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، ئەزا ۋۇ مىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، بۇ يىل كىشى بېشى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت راسخوت تولۇقلىما ئۆلچىمى 35 يۈەندىن 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، كۆپەيتىلگەن قىسمىنىڭ ھەممىسى يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىپ، نەچچە يۈز مىليون دېھقاننىڭ ئۆز يېرىدىلا داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەزا ۋۇ مىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، يېزا دوختۇرلىرىغا قانچىلىك پۇل بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش. بۇ-دۆلەتنىڭ يېزا دوختۇرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئەزا لو لياڭجۈەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم، بۇلتۇر مەن مۇشۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئەزا لو لياڭجۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: دوكلاتتا يەنە كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى %10 ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ-كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر