باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۆپچىلىك بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟››

2015.03.09 13:33         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تېجەپ قېلىنغان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن شۇنچە كۆپ پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگۈم بار؟››

  سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر 5 – مارت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلغاندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى تيەن جۇڭچۈننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقىدەك سوئالى ئەزالارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شيا يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹مەنمۇ دائىم مۇشۇنداق سوئاللارنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. گەرچە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولساممۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىنگەن بۇ پۇللارنىڭ كۆپچىلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن، بۇ يەردىكى ئەزالار ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن››.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادشۇناس لىن يىفۇ بۇ مەسىلىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ: ‹‹چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن پۇقرالارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىراجىتى، مائارىپقا، جامائەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان خىراجەتلىرىنىڭ مۇقىم خامچوتى بولىدۇ. ئەگەر چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىلسە ياكى شەخسنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتسە، جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە مائارىپقا ئىشلىتىلىدىغان خىراجەت ئازىيىپ كېتىدۇ››، دېدى.

  لىن يىفۇ يەنە بىر ئەھۋالنى مىسال قىلىپ: ‹‹بەزىلەر، قىسمەن چىرىكلىكنى كارخانىلارنىڭ ئەمەلدارلارغا پۇل سوۋغا قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ پۇللار ھۆكۈمەت خامچوتىدىن چىقىرىلمايدۇ، شۇڭا پۇقرالار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمۇ قانداق، دەپ ئويلايدۇ. كۆپچىلىك ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى ئەمەسمۇ. ئۇلار بېرىدىغان پارىنى قۇرۇلۇش خامچوتىنىڭ بىر قىسمىدىن چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ››، دېدى.

  لىن يىفۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹يېقىندا گۇاڭدۇڭدىكى بىر ناھىيەگە تەكشۈرگىلى باردىم. بىر كەنت يولىنىڭ ياسالغىنىغا 20 يىل بوپتۇ، ھازىرمۇ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئەكسىچە ئۇنىڭ يېنىدىكى كەنتنىڭ بۇزۇلۇپ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل بولۇپ كەتكەن يولىنى ياسىغىلى ئارانلا ئىككى يىل بوپتۇ. ئىككى كەنت يولىنىڭ خامچوتى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن، بۇ يەردىكى مەسىلە چىرىكلىكنىڭ ئەپلەپ – سەپلەپ ئىش قىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدۇر››.

  بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ھوقۇق ئىجارىكەشلىكىدۇر. ھوقۇقنى چەكلەپ، پاكلىقنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ‹‹رېشاتكىسى›› نى چىڭىتىپ، ئىجارىكەشلىككە ئىمكانىيەت قويماي، چىرىكلىك مەۋجۇت بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك.

  ئەزا تيەن جۇڭچۈن لىن يىفۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ: ‹‹بىز پۇقرالارغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پايدىسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ئۇسۇل بىلەن ھېس قىلدۇرساق بولىدۇ، مەسىلەن: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان پۇلنى يېزا مائارىپىغا ياكى يېزىلاردىكى بۇلغىمىنى تۈزەشكە ئىشلىتىپ، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزسەك بولىدۇ››، دېدى.

  لىن يىفۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹پۇقرالارغا قارىتىلغان يۆتكىمە چىقىمنى كۆپەيتىش ياخشى ئىش، لېكىن قۇرۇلۇش سۈپىتىنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ. سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تېجەپ قېلىنغان پۇلنىڭ پۇقرالارنىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پۇلنىڭ ئەسلىدىكى خامچوت تۈرىگە ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. سىزنىڭ تەكلىپىڭىزمۇ ياخشى تەكلىپ بولدى. خەلق تۇرمۇشى تەرەپتىكى خامچوتنى كۆپەيتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا پۇقرالارنىڭ چىرىكلىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان نارازىلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر