باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئايال ۋەكىللەر ‹‹بۇرچ›› ئالدىدا...

2015.03.09 13:51         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ، رۇس، شىبە، ئۆزبېك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئايال ۋەكىللەر ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ھەم ئەقىل – پاراسىتىنى نامايان قىلدى.
ۋەكىل ماھىنۇر نىياز ئۇدا ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ئۇ يۈرۈش – تۇرۇشقا دىققەت قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىنىڭ تەبىئىيلا ئۇنىڭغا ھۆرمىتى قوزغىلاتتى. ئۇ 30 يىل دوختۇر بولدى، ئىزچىل ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلدى، ئۇ ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەش جەريانىدا، يېزا، كەنتلەردىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلدى. ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئاز دېگەندە يەتتە – سەككىز تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلەرنىڭ كۆپى داۋالاش، ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا دائىر خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار تەكلىپ بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يەنى بالىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا يەنە 12 خىل مەزمۇن قوشۇلماقچى، بەرگەن تەكلىپ، پىكىرلىرىم ئەمەلىيلەشسە، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ.
ۋەكىل فۇچۈنكې شىبە مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ سەككىز يىل ۋەكىل بولغاندىكى ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: پۇقرالارنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرى ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچۈن بىر ‹‹گۆھەر››. بىز ئەستايىدىل بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئەل ئىچىدىكى ‹‹گۆھەر››لەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاندىن يىغىنغا سۇنۇشىمىز كېرەك. شۇندىلا بۇ ‹‹گۆھەر›› نۇرىنى ھەممە يەرگە چاچالايدۇ.
ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ، پىكىر توپلاشقا ئەھمىيەت بەردى. ئۇ بۇ يىل خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا دائىر ئون تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ سەككىز يىلدا 70تىن ئارتۇق تەكلىپ سۇندى.
ۋەكىل لىنا رۇس مىللىتىدىن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋەكىللىك بۇرچىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلىپ كەلدى. ئۇ چېگرا رايونلاردىكى خەلقنىڭ تولۇقلىما پۇلىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كىرىم بىلەن ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدەك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چەت، يىراق چېگرا رايونلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى تۆۋەن بولغاچقا، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش تەسكە توختايتتى، شۇڭا ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇ پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ تەكلىپنى ‹‹ئىككى يىغىن››غا سۇنۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى مەركەزگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ۋەكىل ياڭ چىڭ خۇيزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ماناس ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۇنى ياخشى تونۇيدۇ. دېھقانلار قانداق تەكلىپ، پىكىرلىرى بولسا ياڭ چىڭغا ئېيتىدۇ. كەنتتىكىلەر دائىم ئۇنى ماختاپ: سىز كەنت يوللىرىنى ئوڭشىتىپ بەردىڭىز، كەنتىمىزگە سۇ باشلاش ئۈچۈن كۈچ چىقاردىڭىز، بىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار›› دېيىشىدۇ. ياڭ چىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتناشقان سەككىز يىلدىن بۇيان، ئۇ سۇنغان كەنت ئاياللىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا دائىر تەكلىپلىرى ئەمەلىيلەشتى.
ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى ئېڭىدە زور بۆسۈش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆپ تەجرىبە توپلىدىم. دەسلەپتە خەنزۇ تىلىدىن قىينالدىم، بىراق بىر ۋەكىلنىڭ بۇرچىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەم مۇھىملىقى ماڭا ئايان بولغاچقا، ھەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم. مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ھەم بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىممۇ خېلىلا ئۆستى. مەن ئۈچ يىلدىن بۇيان يېزا، كەنتلەردە ساقلىنىۋاتقان ئوقۇش – ئوقۇتۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم ھەم بۇ توغرىسىدا كۆپ تەكلىپ سۇندۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر