باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى

2015.03.08 18:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مو يەن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى مۇخبىرى ئىككى يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مو يەننى زىيارەت قىلدى.

  بۇ يىل، ئەزا مو يەن ئىككى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىككى تەكلىپنىڭ ئۇنىڭ يۇرتى بىلەن بولغان باغلىنىشى نىسبەتەن زىچ.

  ھازىر، يېزىلاردا بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. لېكىن تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، يەنە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشمىگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىمۇ تەكشى بولماسلىق، يەسلىي ئوقۇتۇش ئىدىيەسى بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئانچە ماس كەلمەسلىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر يۈزبەردى، ئەزا مو يەننىڭ بىرىنچى تەكلىپى: يېزىلاردىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەپلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلسە.

  ئىككىنچى تەكلىپمۇ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا مەركەزلەشكەن، ئۇ قانون چىقىرىش قاتلىمىدىن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۈمىد قىلغان، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بارلىق مائارىپنىڭ ئاساسى، دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپ كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈشنى مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر