باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2015.03.06 09:54   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەتلىك بولۇپ، داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشلامچىسى، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچىسىدىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلىدى، بىر يىلدىن بۇيان شاڭخەينىڭ ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە جاسارەت بىلەن ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شاڭخەيدىكى يولداشلارنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەتلىك بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ 1-ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك. تۈزۈلمە، مېخانىزم توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېزدىن ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار-يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلارغا تۈرتكە بولغانلىق. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، كەسىپ ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، خەلقئارا نەزەر ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى جەم قىلىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش-پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغۋار كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا-رەھبىرى كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇش. شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاز ساندىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ جۆرىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كارخانا قۇرۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شاڭخەيدىن بۇنى پۇختا يولغا قويۇپ، نۇسخىلىغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…