باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش

2015.03.09 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىزدە باكالاۋۇر، ماگىستىر، دوكتور قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك ئىلمىي ئۈنۋان يولغا قويۇلغان، ھەر بىر دەرىجىدە «ئىلمىي ئۈنۋان» ۋە «كەسپىي ئۈنۋان» تەسىس قىلىنغان.

  سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا ليۇ دىيەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قارىغاندا، كەسپىي ئۈنۋاننىڭ تەسىس قىلىنىشىدا نىسبەتەن نۇرغۇن يېتەرسىزلىك بولۇپ، مىقدارى ئاز بولۇش، تەكشىسىز بولۇش، قۇرۇلما تەڭپۇڭسىز بولۇش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىلمىي ئۈنۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 پەن تۈر 92 تۈر 506 خىل كەسپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كەسپىي ئۈنۋان، ماگىستىر، دوكتور ئۈچ دەرىجىلىك ئۈنۋان 45 خىل بولۇپ، ئىلمىي ئۈنۋان كەسپىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمىگەن.

  ليۇ دېيەنشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىسلاھاتنى ھازىرقى ئۈنۋاننىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن باشلاپ، «كەسپىي ئۈنۋان» بىلەن «ئىلمىي ئۈنۋان» تۈرگە ئايرىلىپ تەسىس قىلىنىشىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپلىرى مۇندەرىجىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ ھەم بۇ مۇندەرىجىدىكى پەن تۈرىگە ئاساسەن، «كەسپىي ئۈنۋان» تەسىس قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە «كەسپىي ئۈنۋان» بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، قىسمەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش نىشانى تەڭشىلىپ، نەزەرىيەنى ئاساس قىلىشتىن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى ئاساس قىلىشقا يۈزلەندۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر