باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ

2015.03.09 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى بۇ يىل 3 ئۆلكىگە، كېلەر يىلى 7 ئۆلكىگە كېڭەيتىمىز. ۋاقتى كەلگەندە، 25 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا دۆلەت ئىمتىھان مەركىزى چىقارغان بىر تۇتاش سوئالنى ئىشلىتىدۇ،دېدى.

  ئۇ، بۇ يىل مەملىكەتلىك نومۇر قوشۇش سىياسىتىدە، رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ (مەسىلەن تەنتەربىيەدە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر)، پەقەت بىر قىسىم يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرلا ساقلاپ قېلىنىدۇ (مەسىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنقىلابى قۇربانلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن). يەرلىك نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىنمۇ 6 ئۈلۈشتىن كۆپرەكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدى،ئوننەچچە ئۆلكە ئاللىقاچان يەرلىك نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، دېدى.

  يۈەن گۈيرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇيىلدىن باشلاپ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلىش كۆرسەتكۈچى چەكلىمىسى بىكار قىلىندۇ. بىرلا ۋاقىتتا، مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنگە تەڭشىلىدۇ. رايونلار ئارا قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇسقا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 6980000 دىن 7000000غا كۆپەيتىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 20000 ئوقۇغۇچى كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا-غەربىي رايۇنلاردىكى نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر