باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى

2015.03.13 13:59         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى جامائەت پىكرىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل «ئىككى يىغىن» ئېچىلغاندىن بۇيان 10-مارتقىچە، مەجبۇرىي مائارىپقا ئالاقىدار تېمىدا تاراتقۇلار 24 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، مۇنبەر، بلوگلار 5000 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر بەرگەن، مىكرو بىلوگدا بۇ تېمىنى مۇنازىرىلىشىش سانى 21 مىڭدىن ئاشقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى مائارىپقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قوللاش»نى ئوتتۇرىغا قويغان تورداشلار ٪21نى، «مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق» دېگەننى تەكىتلىگەن تورداشلار ٪15نى، «يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلانلاش كېرەك» دەپ قارىغان تورداشلار ٪14نى ئىگىلىگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا «ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىمۇ مەجبۇرىي مائارىپقا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ»، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى غەربىي رايوندا ئالدى بىلەن يولغا قويۇش»، «دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش»، «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش» دېگەندەك مەزمۇنلارنى قوللايدىغان تورداشلار ٪11نى، مۇشۇنى ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلار ٪13نى ئىگىلىگەن.

  «بۈگۈنكى مائارىپ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى»، «سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىپ بىر پۇڭ پۇلنىمۇ جايىدا ئىشلىتىپ، يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوي يۆنىلىشتە كۆچۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنى مائارىپ ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك» ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا دېيىلگەن سۆزلەر تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، «ئىككى يىغىن»دا ۋەكىللەر، ئەزالار مائارىپنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى، قىسمەن تەكلىپ، مۇراجىئەتلەر تور جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىسلاھاتنى بىر پەشۋا بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مائارىپتا باراۋەر، ئادىل بولۇش گۈزەل ئارزۇسى تەدرىجىي روياپقا چىققۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر