باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئاياغلاشتى

2015.03.16 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، 15-مارت خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا يەنە قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېلان قىلىش ھەققىدە رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈەنشەن، ۋاڭ چىشيەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا جاڭ دېجياڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ قارار لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ قارار لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2015-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يەنە قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چېن جىنىڭ، چېن خاۋلارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قەيت قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.يىغىن تۈرلۈك قارالمىلارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە پارتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىكتە كەلتۈرۈشنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇق چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قانۇننى ئىلمىي تۈزۈش، دېموكراتىك تۈزۈش مېخانىزمى ۋە تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە قانۇن تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتى ۋە ئىككى چاققا ئوخشايدۇ.بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئارقىسىدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن قانۇن تۈزۈش تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە كەلتۈرۈپ ، بىر بىرىگە باغلاپ، زور ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشتا قانۇن ئاساس قىلىپ، قانۇن چىقىرىشقا تايىنىپ، ئىسلاھات ۋە ئىقتىساد،جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي ئومۇمىي يۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەكىللەندۈردى. بىز تۆت ئومۇميۈزلۈكتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى زىچ چۆرىدەپ ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتلەرنى روناق تاپقۇزۇش خەلقنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشىمىز لازىم.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر