باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توك مىقدارىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ كەينىدە قانداق ئەھۋاللار مەۋجۇت؟

2015.03.17 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 16-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1- ۋە 2-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى %2.5 ئاشقان، بۇ-ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن ئىككى پوئېنت تۆۋەن بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇيانقى توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تۆۋەن ئېشىش ئەھۋالى داۋاملاشقان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدە 2-ئايدا پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى %6.3 تۆۋەنلىگەن. گەرچە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قىسقا مۇددەت ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن مۆلچەردە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ يىل پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورمال ئۆرلەيدۇ. جۇڭگو ئېلېكتىر شىركىتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئېلېكتىر سانائىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر» ناملىق دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسەت-تەدبىرى ۋە ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى قويۇۋېتىلدى، بۇ-توك ئىستېمالىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق 3-كەسىپلەر يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، قىسمەن جايلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىش ئوبيېكتىپ جەھەتتىن توك ئىستېمالىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ يىل پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى %4 تىن %5 كىچە ئېشىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر