باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2015.03.17 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-مارت بېيجىڭ «خەلق سارىيى»دا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلانغاندا لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە سىلەر كۆپ خىزمەت قىلىپ، جاپا چەكتىڭلار. ھازىر «ئىككى يىغىن» ئاياغلاشتى، لېكىن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئاياغلاشمىدى، بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولسىمۇ، دەم ئالالمىدىڭلار، سىلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! بۇ سورۇندا كۆپچىلىكنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى خالايمەن.

  ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى: بۇلتۇر جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسى ئىزچىل چۈشتى، شۇڭا نۇرغۇن جۇڭگولۇق چەت ئەلدىن ئۆي سېتىۋالدى. ھازىر جۇڭگو پۇقرالىرى نيۇ يورك، سىدنىي، لوندون قاتارلىق جايلاردىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەللىك خېرىدارلار توپى بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەردىكى ئۆي باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. جۇڭگودىن شۇ يەرلەرنىڭ بازىرىغا كىرىۋاتقان مەبلەغنىڭ قانۇنلۇقلىقىدىن شۈبھىلىنىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار. زۇڭلى سىزدىن سوراپ باقسام، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك چەت ئەل بازارلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەمدۇ؟ بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىچكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭى سىياسەتلەرنى ئېلان قىلامدۇ؟

  لى كېچياڭ: جۇڭگو ھازىر خەلق پۇلى كاپىتال تۈرى بويىچە ئايرىباشلاشنى تەدرىجىي يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ، بىزنىڭ كاپىتال بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن سىز كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار چەت ئەلدە ئۆي سېتىۋېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بەزى قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى ئەڭ چوڭ خېرىدار توپى بولۇپ قالدى دېدىڭىز، بۇنى باھالاپ مۆلچەرلەپ بېقىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، مەن بۇ جەھەتتە ئېنىق ئۇچۇردىن خەۋەرسىز. مېنىڭ بىلىدىغىنىم، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقى ئەڭ زور بولغان بىر يىل بولۇپ، جۇڭگوغا كىرگەن تاشقى مەبلەغ 120 مىليارد دوللارغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەللەردە ئىگىلىك تىكلىشىنى خالايمىز، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشى ھەم شۇ يەرنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
سۈرەتتە: خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لى جاڭجۈن سوئال سورىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر