باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2015.03.17 16:17   مەنبە: خەلق تورى

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 13–مارت چۈشتىن كېيىن يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسى لەنگەر كەنتىدىكى دېھقان مۇھەممەدئىمىن قادىر دادىسى بىلەن پارنېك ئېتىزلىقىدا پەمىدۇر ئۈزىۋاتاتتى.

  ـــ بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا پەمىدۇرنىڭ كىلوسى بەش يۈەندىن بولغان، بۇ پارنېكتا پەمىدۇردىنلا 7 مىڭ يۈەندىن كىرىم بولغانىدى، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولۇپ بەرسە ياخشى بولاتتى، بۇ پەمىدۇرلارنى بۈگۈن كەشتىن باشلاپ ناھىيە ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدىكى بازارلارغا ئەكىرىمىز،- دېدى مۇھەممەدئىمىن قادىر ماڭا پەمىدۇر ئۈزگەچ.

  مۇھەممەدئىمىن قادىر دادىسى بىلەن بىرگە ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ 12 مو ئېتىزلىقىنى پارنېكغا ئۆزگەرتىپ، 13 پارنېكتا پەمىدۇر، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، چاغاندىن كېيىنلا بازارغا ئەكىرىشكە باشلىغان. مۇھەممەدئىمىن قادىرنىڭ ئېيتىشىچە ناھىيە، يېزىلىق پەن – تېخنىكا خادىملىرى پات – پات كەنتكە كېلىپ، پارنېك قىلغان دېھقانلارغا تېرىش تېخنىكىسىدىن تەلىم بېرىپ تۇرىدىكەن.

  ـــ بۇرۇن بىز ئېتىزلىقىمىزدا بۇغداي، قوناق تېرىپلا قوساقنى ئارانلا تويغۇزۇپ يۈرەتتۇق، كەنتتە ئۈچ يىل بۇرۇن بەزىلەر ئېتىزلىقىنى پارنېكلىققا ئۆزگەرتكەندە دادام ئىككەيلەن سەل ئارىسالدا بولغان، قارىساق پارنېك قىلغانلار شۇ يىللا پايدا كۆرىۋېدى، بىزمۇ 2014 – يىلى ئېتىزلىقنى پارنېكلىققا ئۆزگەرتتۇق. ھازىر كىرىم ياخشى، - دېدى مۇھەممەدئىمىن قادىر ماڭا.

  ئىگىلىشىمچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە پارنېكتا كۆكتات يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 60 مىڭ مودىن، پارنېك 2 مىڭ 600 دىن ئاشقان بولۇپ، 2014- يىلى پارنېكتا كۆكتات يېتىشتۈرۈشتىن كىرگەن كىرىم 180 مىليون يۈەنگە يەتكەن. يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تېرىلغان كۆكتاتلار قەشقەر شەھىرى بازىرىنىڭ %40 نى ئىگىلىگەن. يېڭىشەھەر ناھىيەسىمۇ دېھقانلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىش ئورنىدا تۇتقان. تۈر مەبلىغى، تېخنىكا جەھەتتىن زر دەرىجىدە قوللىغان.

  سۈرەتتە: مۇھەممەدئىمىن قادىر پارنېك ئېتىزلىقىدا پەمىدۇر ئۈزمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنە باشلىنىدۇ
      ·شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى « ئورۇقلىدى»
      ·نەزەربايوف كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى بولدى
      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…