باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا يورۇقلۇق ۋولت مەخسۇس پويىزى جېڭجوۋدىن يولغا چىقتى

2015.03.17 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى جۇڭگو-ياۋروپا يورۇقلۇق ۋولت مەخسۇس پويىزى _جېڭجوۋدىن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگقا بارىدىغان يورۇقلۇق ۋولت مەخسۇس پويىزى 13-مارت خېنەن جېڭجوۋدىن يولغا چىقتى. 6يۈك ساندۇقى بېسىلغان، جەمئىي بىر مېگاۋات قۇياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت ئەسلىھەسى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 15كۈندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگقا يېتىپ بارىدۇ.

  يورۇقلۇق ۋولت كەسپى دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپى بولۇپ، ئاساسلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىكىسپورت قىلىنىدۇ، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «قوش قارشى تۇرۇش»ىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ئىنىرگىيەسى مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ياۋروپا بازىرىدا ھېلىمۇ ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە. جۇڭگو ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىكىسپورت سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ سىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ئىنىرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 14مىليارد 400مىليون دوللار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپاغا ئىكىسپورت قىلىنغىنى %20نى ئىگىلەپ، 2مىليارد 800مىليون دوللاردىن ئاشقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر