باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋيۈەن بەنگۇڭتىڭى«جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات ئومۇمىي لايىھەسى»نى تارقاتتى

2015.03.17 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى]گوۋيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا گوۋيۈەن بەنگۇڭتىڭى«جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات ئومۇمىي لايىھەسى»نى تارقاتتى(تۆۋەندە «لايىھە»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى).

  «لايىھە» كىرىش سۆز ۋە 11 بۆلەك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئومۇمىي تەلەپ، جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنى تەڭشەش ئىسلاھاتى، كەسپىي پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرۇش ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش،مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇتبۇل مۇسابىقىسى سېستىمىسى ۋە كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە سېستىمىسىنى تۈزۈلمىسىنى ئسىلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت پۇتبۇل ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇتبۇل كەسپىي ئىختساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇتبۇل مەيدان قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سېلىنما مىخانېزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇتبۇل خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش.

  «لايىھە»دە جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ پۇتبۇلچىلىق ئىسلاھاتىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ئاساسىي نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، چىڭ تۇرۇش مەسىلىسى يۆنىلىشى، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسىنى ئسىلاھ قىلىش، پۇتبۇلچىلىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، كەسپىي جەھەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سېستىمسى مۇكەممەللەشكەن، دېموكراتىك ئېچىۋىتىلگەن، يۈرۈشتۈرۈلۈشى جانلىق، قانۇن تۈزۈم مۇكەممەللەشكەن، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە تۈزۈلمە مېخانىزمى تىرىشىپ بەرپا قىلىش تەكىتلەندى. دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىش بىلەن خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش، يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش بىلەن ئەمەلىي ئاساس، يېڭىلىق يارىتىش قايتا قۇرۇش بىلەن مەسىلىلەرنى تۈزەش، دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمى، پۇتبۇل ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇتبۇل ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «ئۈچ قەدەم بىلەن مېڭىش» ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۇتبۇلچىلىقنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، پۇتبۇلچىلىقنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇتبۇلچىلىقنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۇتبۇلچىلىق بىلەن پۇتبۇل كەسپىنىڭ ماس تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا ۋە دۇنيادا تەدرىجىي ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش؛ جۇڭگو پۇتبۇلچلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، پۇتبۇل ھەرىكىتىنى ئامما ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ساغلام پۇتبۇل مەدەنىيتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر