باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار يېتەكچى پىكىرى توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى تارقاتتى

2015.03.17 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقا فونكىسسىيەلىك تارماقلار بەزى ئۆلكەر مەركىزى، پىلانى ئايرىم شەھەر ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلاردا ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى دەپ ئېلىندى) تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئالاقىسى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ئۇچۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا پائال رول ئويناپ كەلدى. ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، قاتناش شارائىتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشى، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىدى. بولۇپمۇ بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش قېلىپلاشماسلىق، ئىسراپچىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى. ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىر ئۆلكە مەركىزىدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى رەتلەش توغرىسىدا تۆۋەندىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر