12-مارت، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىنجوۋ ئىنىستىتۇتىنىڭ ھويلىسىدا، رېمونت خادىملىرى بوئىن 737-300 ئايروپلانىغا قانات ئورنىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنلىرى، بىنجوۋ ئىنىستىتۇتى توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737-300 ئايروپلانىنى سېتىۋېلىپ، مەكتەپنىڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى، قاتناش-تىرانسىپورت قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ مەشق سۇپىسى قىلىپ، تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. ئېگىلىنىشىچە، بۇ بوئىن 737-300 ئايروپلان ئەسلىدە ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بولۇپ، نەنتوڭ خۇاشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سېتىۋىلىشى بىلەن دۆلەتكە ئېلىپ كىرىلگەن، باھاسى 10 مىليون يۈەنگە توختىغان. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىنجوۋ شەھىرىدە خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپورتى بولمىغاچقا، بۇ ئايروپلان نەنتوڭدىن جىنەن نەنياۋ ئايروپورتىغا ئۇچۇپ كېلىپ، چۇۋۇش ئارقىلىق تۈركۈمگە بۆلۈپ بىنجوۋ ئىنىستىتۇتىغا توشۇپ كېلىنىپ، تەيگۇ ئايروپلان قۇرۇلۇشى شىركىتى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئايروپلانغا توك ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتۇش تەلىپىنى قانائەتلەندۈرگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى