باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدە چىقىش يولى تېپىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

2015.04.07 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى 1-ئاپرېل سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋالغاندىن كېيىن تېزلىك بىلەن كېڭىيىپ، 4-ئاپرېل دەمەشق رايونىدىكى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بىر بازارنى كونترول قىلىۋالدى. بۇ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم دەمەشق شەھەر ئەتراپى رايونىنى ئىگىلىۋېلىشى.

  تەھلىلچىلەر ئەنسىرەپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە بىلەن ئىراق چېگرىسىنىڭ نامدا بار ئەمەلدە يوق، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېقىپ يۈرمەكتە، بۇ تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا مەغلۇب بولۇشىغا ئەگىشىپ، سۇرىيەنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇش بېسىمى ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلەر بىرلىشىپ بۇ تەشكىلاتقا زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن يامان سۈپەتلىك بۇ ئۆسمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

  ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى، دەمەشقتىكى خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى، ئۇلارنىڭ دەمەشق شەھىرىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلدى. سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ماھېر مۇرھىچ مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا يەنىمۇ زەربىگە ئۇچرىشى بىلەن نۇرغۇن قوراللىقلار سۇرىيەگە كىرىشى مۇمكىن.

  ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ شەرقى ھەمدە ئىراقنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇن زېمىننى كونترول قىلىۋالغانلىقتىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ قوراللىقلىرى سۇرىيە بىلەن ئىراق ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، تازىلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.

  مۇرھىچ مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقتا ئاجىزلاپ قالدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نېفىت كىرىم مەنبىيى ئۈزۈۋېتىلدى، لېكىن سۇرىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرۇش بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى.

  ھازىر، غەرب ئەللىرى ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بەرمەكتە، سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتلىرىغا بولسا ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش تەسكە چۈشتى. سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى مەخمۇر مۇرى مۇنداق دېدى: بەز رايونلار ۋە خەلقئارا كۈچلەر ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنى يوقۇتۇشنى پىلانلىدى ئەمما سۇرىيەدىكى بۇ تەشكىلاتىنىڭ قوراللىقلىرىغا سەل قارىدى.

  مۇرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەربىي ئىتتىپاقى ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت قىلغاندا، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ماسلاشتى، لېكىن سۇرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندا سۇرىيە بىلەن ماسلىشىپ ئىش كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىراقتىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭكىدىن ياخشى بولدى.

  ئۆتكەن ئايدا سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ: ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى مەقسەتكە يېتەلمىدى، ئەكسىچە بۇ تەشكىلات پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەسىرىنى كېڭەيتتى دېدى.

  سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ئوساما دەننۇرا مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىلا ئويلىشىپ سۇرىيەگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى خادىملىرى ئىراققا يوشۇرۇن بېرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. بۇ تەشكىلاتقا زەربە بېرىش جەريانىدا سۇرىيە بىلەن ئىراق بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك.

  دەننۇرا مۇنداق دېدى: سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىمەن دەيدىكەنمىز يۇقىرى قاتلاملىق بىر ماسلاشتۇرۇش مىخانىزىمى ئورنىتىپ، سۇرىيە بىلەن ئىراقنىڭ ھەربىي كۈچىلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  دەننۇرا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئىتتىپاق پەقەت ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىقلىرىغىلا زەربە بەرسە، بۇ تەشكىلات خادىملىرىنىڭ سۇرىيەگە ئېقىپ كىرىشى ھەتتا يەنە باشقا دۆلەتلەرگە ئېقىپ بېرىپ رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر