سۇرىيە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئەترىتىدە 800 كىشلىك بىر ئايال ئەسكەرلەر قىسمى بار، بۇ قىسىم 2013-يىلى يازدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئايال ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياش ئەتراپىدا. ئۇلار بىر يىللىق ھەربىي مەشىقتىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.
سۇرىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ ئايال ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹ پىدائىي ئەسكەرلەر ›› گە تەۋە بولۇپ، 30 يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، لېكىن ئالدىنقى سەپتە ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئارقا سەپكە قايتىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.