كورلا شەھىرى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ نېفىت تارماق مەكتىۋىدىن ئەلقەم ئاۋۇت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كورلا شەھىرى ۋە ئوبلاستىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئۈن –تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان،قوللاپ مەددەت بېرىۋاتقان قېرىنداشلار. بايىنغولىن ۋە كورلا پۇتبولچىلىقى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن، 1970- يىلى بايىنغولىن شۆبە ھەربىي رايون ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن تەنھەرىكەتچىلەرنى تاللاپ ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان چاغدىن باشلىنىپ، ھازىرغىچە قىرىق نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.بۇ جەرياندا تەرەققىيمۇ قىلدى ، بىر مەزگىل ئىزىدا توختاپمۇ قالدى.نۆۋەتتە بولسا نۇرغۇنلىغان ئۆت يۈرەك قېرىنداشلارنىڭ زور تىرىشچانلىقىدا يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىنى كۈتۈۋالماقتا، بىز كورلا پۇتبولچىلىقىنىڭ،شۇنداقلا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تېخىمۇ تەرققىي قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
نەچچە يىلدىن بىرى مەن پۇتبولچىلىقىمىز تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدىم، مەقسىتىم پۇتبول تارىخىمىزنى ماتېرىيال قىلىپ ساقلاپ قويۇش ۋە ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئىدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار يولۇقتۇم ،لېكىن پۇتبولچى قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن ياردىمىدە بۇ قېيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭىپ كىلىۋاتىمەن. ھەمدە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىقمەن. ئىلگىرى پېشقەدەم پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تارىخ، شۇنداقلا نۆۋەتتە بىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىزمۇ بىر كۈنى تارىخقا ئايلىنىدۇ.بولسا تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىسەڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.
تۆۋەندە مەن ئىسمايىل مۇئەللىم تەمىنلىگەن سۆرەتلەرنى سىلەرگە سۇنماقچى ،تەكلىپ ۋە پىكىرىڭلاربولسا بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن ئوبلاستلىق ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەلقەم ئاۋۇت.