خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت، قازاق چارۋىچىلىرى كۈچلۈك قار-بورانغا قارىماي پادىلىرىنى ھەيدىگىنىچە تەلكە جىلغىسىدىن ئۆتۈپ قىشلىق يايلاقتىن ئەتىيازلىق، يازلىق ئوتلاققا كۆچمەكتە.
يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا قىشلىغان 400 مىڭ تۇياقتن ئارتۇق چارۋاماللىرى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان پىيادە مۇساپىنى 10 كۈندىن ئارتۇق بېسىپ كۆچۈشنى باشلىدى، ئۇلار تەلكىدىن ئۆتۈپ غۇلجىدىكى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك يايلاقلارغا كىرىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق كۆچۈش بۇلتۇرقىدىن يېرىم ئايچە بالدۇر بولدى.