خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) نويابىر ئېيى كىرگەندىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى.
سۈرەتتە: 14–نويابىر خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى قاغاشورلۇق تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى