خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھەر، باش قىشتىكى قۇياش نۇرى قەشقەر كونا شەھەر ئاسمىنىدا پارلىدى، ئىللىق قۇياش نۇرى كونا شەھەردىكى ئىگىز - تۆۋەنلىكى ئوخشىمايدىغان بىرقانچە كونا ئىمارەتكە سايىسىنى تاشلىدى.
تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۆزگەرتىشتىن كىيىن، كونا شەھەردىكى چوڭ -كېچىك بازارلار يەنىلا ساقلىنىپ قالدى، پەقەت بازار بولسىلا، كونا شەھەر داۋاملىق ھايات ياشنايدۇ.
تۇماق بازىرى، گۈل بازىرى، كەتمەن بازىرى...بۇ بازارلار قەشقەر كونا شەھەر ھاياتلىقىنىڭ سىموۋلى، قەشقەر تارىخىدىكى ئىلگىرلەۋاتقان چاقى. ئەگەر قەشقەردە بازار بولمىسا، قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ھاياتلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.(مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى