باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى

2015.10.30 17:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بۇلۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۇھبەت يىغىنى ئىچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەقىقى قىلىپ، قۇش تىل مائارىپى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمال رايۇنلىرىدا ئۇمۇملاشتى. ئاۋات ناھىيەسىدىمۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەدىن تارتىپ ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغىچە قۇش تىل مائارىپى قاتلاممۇ- قاتلام ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ، پۇتۇن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرى قۇش تىل مائارىپى نەتىجىسىدىن مەنپەتلەنگۈچىلەر بۇلۇپ قالدى.

  2010-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاپتۇنۇم ئاپتونۇم رايۇنى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قۇش تىل مائارىپىدا ئىككى خىل ئەندىزىنى بىكىتىپ، پەللىمۇ –پەللە «ھەر قايسى ئۇقۇتۇش باسقۇچىنى ئۇز-ئارا باغلاش، ھەر قايسى پەنلەرنى ئۇز-ئارا بىر-بىرىگە سىڭدۈرۈش» دىن ئىبارەت شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇش تىل مائارىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ئاۋات ناھىيەسى «قۇش تىل ئۇقۇتۇشىنى ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىدىن، بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش» خىزمەت تەپەككۇر يۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، «ھەر قايسى مەكتەپلەر بىر-بىرىنى ئەينەك قىلىش، ھەر قايسى ئۇقۇتۇش باسقۇچىنى ئۇز-ئارا باغلاش، ھەر قايسى پەنلەرنى ئۇز –ئارا بىر-بىرىگە سىڭدۈرۈش»تەك قۇش تىل مائارىپ ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە ئۇقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھەر دەرىجىلىك قۇش تىل ‹ئىغىز تىلى› مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا قۇش تىل ئۇگۇنۇش ياخشى مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى.

  ھازىر ئاۋات ناھىيەسىدە قوش تىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن 96 سى، قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدىن 66 سى، قوش تىلدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچى 1530 نەپەرگە يېتىپ، قوش تىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 27828 نەپىرى بار بولۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ كۆلەملىشىش ۋە ئومۇملىشىش دەرىجىسى كىشىنى خۇشال قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 2010-يىلى ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇنجى قارارلىق قوش تىل سىنىپىنى پۈتكۈزگەن 60 نەپەر ئوقۇغۇچى شۇ يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن 100% ئۆتۈپ مەمىلكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئالى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. قوش تىل ئوقۇتۇشنىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى، قوش تىل مائارىپىدىن ھەققىي نەپكە ئىرىشكۈچىلەردىن بولۇپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر