باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن كىنو «نىساخان» ۋە « ئەپەندى ۋە ئاۋات» ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2015.11.16 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىنو«نىساخان»دا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسىدىكى داڭلىق خەلق سەنئەتكارى نىساخان (1902-1987) نىڭ سەنئەت ھاياتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان. فىلىمدە ، ئامما ئارىسىدىكى، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلارنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نىساخاننىڭ خەلق ناخشىلىرى سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، نىساخاننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ بېسىم ئالدىدا ئىگىلمەس روھى تۇلۇق نامايان قىلىنغان.

  «ئەپەندى ۋە ئاۋات» فىلىمىدە، ھەر تەرەپتىن شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، دولان مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمەكلىرى قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قىزغىن رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي تېما قىلىپ، زامانىۋى شىنجاڭ مۇزىكا ئېلېمېنتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر