باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلولىرىنى پاش قىلىشنى تېزلەتتى

ئېلىمىزنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ھۇجۇمدا يېنىك يارىلانغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى

2015.11.16 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پارىژنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا كىشىلەر 14-نويابىر شام يېقىپ تېررورلۇق ھۇجىمىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.

  15-نويابىر، پارىژدىكى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ 2-كۈنى، فىرانسىيە ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدى ۋە پارىژ شەھەر ئەتراپى رايونىدا تېررورچى ئۇنسۇرلار ئولتۇرغان قارا رەڭلىك «سېئات» ئاپتوموبىلىنى، ئاپتوموبىل ئىچىدىن AK__47 تىپلىق مىلتىقتىن ئۈچنى بايقىدى. پۈتۈن پارىژ شەھىرى ھازىر يەنىلا جىددىي قوغدىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

  بېلگىيە ساقچى دائىرىلىرى 14-نويابىر پايتەخت بريۇسسېلنىڭ مورەنبەك كوچىسى رايونىنى كۆپ قېتىم ئاختۇرۇپ، پارىژدا كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆت گۇمانلىق ئۇنسۇرنى قولغا ئالدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى 13-نويابىر كەچ دېلو يۈز بەرگەندە پارىژدا ئىكەن.

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا ھازىرغىچە جۇڭگو پۇقراسىدىن بىرەيلەن يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان شۇنداقلا ئۇنى ۋاقتىدا داۋالاپ، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ياخشى بولغان.

  فىرانسىيە پارىژنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى مولېن 14-نويابىر كەچ مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، ساقچى دائىرىلىرى تەكشۈرۈشىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئۈچ گۇرۇپپا تېررورچى ئۇنسۇرلار ماسلىشىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ساقچى تەرەپ 1985-يىلى پارىژ شەھەر ئەتراپىدا تۇغۇلغان بىر فىرانسىيەلىك كىشىنىڭ باتاكلەن تىياتىرخانىسىدىكى ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. بۇ كىشى ئىلگىرى كۆپ قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان، ئىدىيەسى ئەسەبىي بولغانلىقى ئۈچۈن ساقچى تەرەپ 2010-يىلدىن باشلاپ نۇقتىلىق كۆزەتكەن. فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى BFMTVنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچى تەرەپ بۇ فىرانسىيەلىك گۇمانلىق جىنايەتچىنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسىنى قولغا ئالغان، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىككى كىشىنىڭ قونالغۇسىنى ئاختۇرغان.

  پارىژدا بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللاندى. فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللس 15-نويابىر فىرانسىيە چېگراسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچى ئەسكەرلەرنى 17-نويابىرغىچە 10 مىڭغا يەتكۈزۈپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  فىرانسىيە 15-نويابىردىن 17-نويابىرغىچە بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا مەملىكەت بويىچە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ھەر قايسى ئاپپاراتلار بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر