باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى

2015.11.10 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئايرىم ئايرىم ھالدا 2015-يىل 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋە 2016-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئېلىنىدىكەن. جايلاردىكى (ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش ئورۇنلىرى شۇ جاينىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كونكرېت ۋاقىتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن، بىرتۇتاش ئىمتىھانغا تىزىملىتىش خىزمىتى 10-دېكابىر ئاخىرلىشىدىكەن، قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە تولۇقلاپ تىزىملانمايدىكەن.

  كەسپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان تەلىپى بويىچە، ئومۇمەن كەسپلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭنىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغاندا چوقۇم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى بېرىپ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت (ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار) كەسپىي ئىمتىھانى بېرىش كىنىشكىسى»نى ئالىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسى» ۋە 2 - ئەۋلاد كىملىكنى ئېلىپ، بېكىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئۇچۇرىنى بېكىتىدۇ ۋە كەسپىي بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى شىنجاڭنىڭ 2016 - يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسپىي ئىمتىھان پروگراممىسى قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتىدە (http://www.xjzk.gov.cn/) ئېلان قىلغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللارنى توردىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر