باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟

تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)

2015.10.30 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەلب قىلىش كۈچى-كىشىلەرنىڭ نىشانى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلسە ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا بۇ بەلگىلىك جەلب قىلىش كۈچىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كۈچ ھاسىل بولغان ھامان كىشىلەرنى نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا جەلب قىلىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، مۇكاپات پۇلى، شان-شەرەپنىڭ ھەممىسى بىر خىل جەلب قىلىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، گۈلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، خەلق زارى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەكتەپ-بىر خىل ئالاھىدە مۇھىت بولۇپ، ياش-ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ، پەننىي قائىدىلەر ئاساسىدا مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھاياتلىق ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مول ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىدىغان، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالىدىغان ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تېخىنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، كەلگۈسىنڭ يارملىق ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا

  مەكتەپ-تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى جامئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ. مەكتەپ مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان ئورگان. مەكتەپنىڭ بارلىق مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئكسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ مۇھىم قاتلىمى.

  مەكتەپ-بىر خىل ئالاھىدە مۇھىت بولۇپ، ياش-ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ، پەننىي قائىدىلەر ئاساسىدا مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھاياتلىق ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مول ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىدىغان، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالىدىغان ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تېخىنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، كەلگۈسىنڭ يارملىق ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا.

  1. مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى قابىل مەكتەپ مۇدىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

  قابىل مەكتەپ مۇدىرى-مۇقىم، توغرا سىياسى يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرىدىغان، پېداگوگىلىق قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدىغان، ئوقۇتۇشنى مەزكەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدىغان، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان، ئوقۇتۇشنى ئاكتىپ ئىسلاھ قىلىدىغان، ئوقۇتۇشقا بولغان تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى، ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىلىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتىدىغان، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەكتەپ شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلايدىغان، مەكتەپتىكى ھەر قايسى تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدىغان، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ مەكتەپنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدىغان، مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالايدىغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا،ئىلغار تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ماھىر، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، مىجەز-خۇلقى، تۇرمۇش ئىستىلى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئۆزىنى مەكتەپ خىزمىتىگە بېغىشلاش روھى كۈچلۈك بولغان كەسپىي-مەمۇرى خادىم ھېسابلىنىدۇ.

  مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ، مەكتەپ مۇدىرى كەڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئادەتتە بىلىم ساپاسى تۈۋەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئىناۋىتى بولمايدۇ. ئىناۋىتى بولمىغان مەكتەپ مۇدىرى باشقۇرغان مەكتەپنىڭ قانداقمۇ ئىناۋىتى بولسۇن! بىلىم ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ روھى جۇغلانمىسى، شۇنداقلا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە بۇلىقى. مەدەنىيەت بىلىمى رەھبەرلىك قىلغۇچى، باشقۇرغۇچىنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسىمى.

  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن مەكتەپنىڭ ھەر خىل تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى، ئوقۇتۇشنى ھەمدە مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلەرنى يولغا قۇيۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى، ساپاسى شۇ مەكتەپنىڭ تەقدىرىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ئامىل. بىر دۆلەتتىكى مەكتەپ مۇدىرلار قۇشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەقدىرىگە، ۋاستىلىق ھالدا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ياكى مائارىپنىڭ خارابلىشىشغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا، قابىل مەكتەپ مۇدىرىنى بىر مەكتەپكە، بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سىمۋۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېسەك تامامەن خاتا بولمايدۇ.

  2. مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى-كۈچلۈك مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدا ئىپادىلىنىدۇ.

  مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقى كۆپىنچە ھاللاردا ئىتتىپاقلاشقان، جەڭگىۋار بىر ياخشى مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش، كۈچەيتىش، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئالدى بىلەن توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، مەكتەپنىڭ تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىغا مائارىپنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپنى، ئۆز خىزمىتىنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان، بارلىق ئىشلاردا ئاممىغا ئۈلگە بولىدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى روناق تاپقۇزۇشنى ئويلايدىغان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلايدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئومۇملۇق كۆزلەيدىغان، ھەممىگە باراۋەر، سەمىمىي، قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى جارى قىلدۈرۈشى، ئايرىملارنى يانغا تارتىپ، بىر قىسىملارنى چەتكە قاقىدىغان، ئايرىم يېتەرسىزلىكلارنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى كۆرمەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپئىەتىگە تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە لىللا بولمايدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم.

  كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى-مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان، سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم، ئىتتىپاقلاشقان، ھەمكارلاشقان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك، جىددى مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ياخشىلىيالايدىغان، مەسئۇلىيەت، ھۇقۇق دائىرىسى ئېنىق ئايرىلغان، خادىملار ۋە تارماقلارنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى يوقۇرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلغان، تۈرلۈك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرى تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش ئىزىغا سېلىنغان، ئىستىلى ياخشى، ئىش بىجىرىشى ئۈنۈملۈك بولغان، خەلق مەنپئىئەتنى ئەلا بىلىدىغان، شەخشىي مەنپئىەتنى ئومۇمىي مەنپىئەتكە بويسۇندۇرالايدىغان، گۇرۇھۋازلىق، مەزھەپچىلىك قىلمايدىغان، خىزمەتلەرگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان،ئاممىنى رازى قىلىشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈپ نىشانى قىلالايدىغان كوللېكتىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى. شۇڭا، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۈرۈر.

  3. مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى-يوقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدا كۆرىلىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى-ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بىلىملىرىنى، ياشاش ماھارىتىنى، ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەدەنىيەت سەۋىيىسيىنى ئاشۇرۇش، دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، پۇختا دەرس تەييارلاش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، بىلىم بېرىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم بىلىم بېرىش ھەم ئادەم تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتىش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك، ھاقارەتلىمەسلىك، كىشىلىك غۇرۇرىغا تەگمەسلىك، باراۋار، ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئۇلارغا توغرا ئۆگىنىش مەقسىتى، توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئۆگىنىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل باھالاپ بېكىتىش، قەرەرلىك ھالدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، مەشقلەندۈرۈشكە، چېنىقتۇرۇشقا، ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاقىي ساپاسىنى ياخشىلاپ ئۇلاردا ئىلمىي دۇنيا قاراش، توغرا دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، كۆتۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، ئۇلارنىڭ مەشغۇلات تەرتىبىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئارام ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق تەلەپ قۇيۇش بىلەن بىللە ئارام ئېلىشىغا دىققەت قىلىش، ئاتۇقچە يۈكىنى يەڭگىلىتىش، بەدەن سۈپىتى تەرەققىياتىنى ئىگىرى سۈرۈش شۇنداقلا تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەلۇم تېما ئۈستىدە تەقىقات ئېلىپ بېرىش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ سىياسى، كەسپىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش.ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسى، كەسپىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى سەر خىللاشتۇرۇش-يوقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تەلىپى. سىياسى ئاڭ ۋە ئەخلاقىي ساپا بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يادروسى. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەسپىي قابىلىيەت، كەسپىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تەربىيەلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تەربىيەنگۈچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى جەھەتتىن، ئەخلاقىي جەھەتتىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يېتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى پەزىلىتىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى-زامانىۋى مەكتەپ ئەسلىھەلىرىدە نامايەن بولىدۇ.

  مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر كۆلىمى، مەكتەپ ھويلىسىنىڭ پىلانلىنىشى، ئۆي-ئىمارەت، ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىدىكى ماددىي ئاساس بولۇپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر كۆلىمى-مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى، ئوقۇتۇشى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۈشلۇق، راۋان بولۇشى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ تىنىچلىقى، خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئش بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار مەكتەپنىڭ شارائىتى ۋە ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  مەكتەپنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، كۆلىمى، جايلىشىشى، مەكتەپ ھويلىسى، ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبىخانا، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، كۈتۈپخانا، ياتاقخانا قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى مەكتەپتىكى يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى مەكتەپنىڭ پۈتۈن ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى-پارتا، ئورۇندۇق، دوسكا ۋە سىنىپتىكى باشقا ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، تەجرىبە سايمانلىرى، ئەۋرىشكە، مودېل، دئىاگرامما، خەرىتە، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ بۇلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپپىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۈرۈلۈشى مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش زۈرۈركى، ئاساسىي مائارىپتا قابىل مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ جايىغا قۇيۇلماسلىقى، ئەرزىمەس سەۋەپلەر بىلەن باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىتىۋىتىلىشى؛ مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ چېچىلاڭغۇ، باشباشتاق، تەرتىپسىز، قالايمىقان، گۇرۇھۋاز بولۇشى؛ ئوقۇتۇش ئۈسكىنە-ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن بولسىمۇ رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلماسلىقى، ھەتتا تاشلىنىپ قېلىشى، ھەقسىز تارقىتىلغان كىتاپ-ماتېرىياللارنىڭ قەدىرلەنمەسلىكى، كۈتۈپخانا، تەجرىبىخانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇلماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى، ئاشخانىلىرىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلماسلىقى قاتارلىقلارغا كۆرە، جاپالىق خىزمەت شارائىتى، ناچار تۇرمۇش مۇھىتى، ئېغىر خىزمەت بېسىمى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقان مېھنەت ئىگىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىسىز مائارىپنىڭ تەرەققىيات پەللىسىنى قىياس قىلماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر