باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلغانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2015.11.16 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇيىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلغانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇلار ئىچىدە، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئۈرۈمچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلغانلارنىڭ سانى 940 مىڭ ئادەم(قېتىم)، راسچوت قىلىنغان داۋالىنىش خىراجىتى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن؛ ۋىلايەت، ئوبلاست ئوتتۇرىسىدىكى باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلغانلارنىڭ سانى 250 مىڭ ئادەم ( قېتىم )، راسچوت قىلىنغان داۋالىنىش خىراجىتى 52 مىليون 820 مىڭ يۈەنگە يەتتى. باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلىش باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن « يۈگۈرەپ يۈرۈش» ۋە «ئۆزى ئالدىن تۆلەش » مەسىلىسىنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى راسچوت قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم قەدەم تاشلاندى. نۆۋەتتە، شەنشىنىڭ شىئەن، خەينەن، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇقاتارلىق ئۈچ يەردە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى راسچوت قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە يەنە، جىلىن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىش چىقىمىنى راسچوت قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر