باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغان كەنتىدە «قوش تىل» دەرسخانىسى قۇرۇلدى

2015.11.18 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ شاۋنىڭ،ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ كەيشۇەن يوپۇق ئاچماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسى قورغان كەنتىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان كەنت دەرىجىلىك «قوش تىل» ئۆگىنىش دەرسخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يوپۇق ئاچتى. يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلىمىنىڭ بۆلۇم ئىشلىرى ھەيئىتى، ئىماملىرىم يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى،قورغان كەنت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ شاۋنىڭ مۇنداق دىدى:« تىرىشقاندىلا ئۆزگەتكىلى بولىدۇ،تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز دىگەن ئىدىيەنى تىكلەپ،ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن بوشاشماي ئۆگىنىپ،ئۈزلىكسىز داۋاملاشتۇرساق، تىل ئىشلىتىش ئىقتتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ،راۋان ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ» دىدى.كەنت ئاياللار مۇدىرى ئارزىگۈل:«مېنىڭ تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم يۇقىرى بولسىمۇ،شارائىت يېتەرلىك بولمىغاچقا ئىلگىرلىشىم ياخشى بولمىغان ئىدى. ئەمدى كەنتىمىزدە ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش شارائىتىغا ئېرىشتۇق، مېنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى» دىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسى قورغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشنى يېزا كەنتلەرنىڭ مۇقۇملىقىنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ كەلدى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشتە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل بىلىش مۇھىم ئۆتكەل. خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت كادىرلىرىنىڭ قوش تىل ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇش،ئادەتتىكى تىل ئالاقىسىمۇ قىلالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تۈر يوللاش ئارقىلىق،2 مىليۇن يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ قورغان كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىماملىرىم يېزىسىدىكى 6 كەنتتە تىل دەرىسخانىسى قۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن كەنت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ «قوش تىل ئۆگىنىش» شارائىتى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇزەپپەر مۇنەۋۋەر ماقالىسى/ فوتوسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر