- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ سۇپېر كومپيۇتېرى يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتتى
2015.11.18 14:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ سۇپېر كومپيۇتېرى يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتتى: ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 16-نويابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك سۇپېر كومپيۇتېر تىزىملىكىدە، «سامانيولى 2-» نومۇرلۇق سۇپېر كومپيۇتېر ئۇدا ئالتە قېتىم 1-بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە «جىڭ K» ناملىق سۇپېر كومپيۇتېرنىڭ ئۇدا بەش قېتىم 1-بولۇشتەك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان؛ «جۇڭكې شۇگۇاڭ»نىڭ 49 كومپيۇتېرى تىزىملىككە كىرىپ IBM نىڭكىدىن ئېشىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن تىزىملىككە كىرگەن سىستېما ئۈلۈشى بويىچە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
«سامانيولى 2-» نومۇرلۇق سۇپېر كومپيۇتېرنى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2013-يىلى 6-ئايدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، چوققا قىممىتىنى ھېسابلاش تېزلىكى سېكۇنتىغا 5.49 كىۋادرىللىيون قېتىم، ئەمەلىي ھېسابلاش تېزلىكى 3.39 كىۋادرىللىيون قېتىم. «سامانيولى 2-» نومۇرلۇق سۇپېر كومپيۇتېر غەيرىي سىستېما قۇرۇلمىسى، ئۆز ئالدىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە تورى بېكىتىش، يېڭى تىپتىكى پاراللېل پىروگرامما تۈزۈش مودېلى رامكىسى جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۇنيا سۇپېر كومپيۇتېر تارىخىدىكى ئالتە قېتىم 1-لىككە ئېرىشكەن تۇنجى سۇپېر كومپيۇتېرغا ئايلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر