باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقنى زور كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇشى كېرەك

2015.11.19 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى 17- نويابىر بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جىيى يىغىندا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا پارىژدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتىلىتىشتەك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. قازا قىلغان بىگۇناھ پۇقرالارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ. فىرانسىيە ، رۇسىيە ۋە باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى، ھەمدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يارىلانغانلاردىن چوڭقۇر ھال سورايدۇ. لىيۇ جىيى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادى يېڭى تەرتىپنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، ئورتاق، ئونۋېرسسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشىنى تەكلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ تەڭ نەپكە ئىگە بولۇش قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە باشقا دۆلەتلەرگە مۇۋاپىق كۆڭۈل بىلىشى كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر